叶城县 切换城市

请选择您所在的城市:

    热门
    城市
    首页 > 房产资讯 > 购房杂谈 > قەرز چەكلەش بۇيرۇقى ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىد

    قەرز چەكلەش بۇيرۇقى ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىد

    2021-07-29     来源:نۇر تورىدىن ئىلىندى     浏览:136

    قەرز چەكلەش بۇيرۇقى ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟


    ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، 2021-يىلىنىڭمۇ بىر چارىكى ئۆتۈپ كەتتى. ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا نىسبەتەن، باھا ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى. ئۆي باھاسىغا نىسبەتەن، ئۆسۈش بىر قەدەر مۇقىم، ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرىدە. ئالدىنقى ئايدا دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مەملىكىتىمىزدىكى 70 چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى 2-ئايدىكى تۇرالغۇ باھاسى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 56 شەھەردە تۇرالغۇ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا ئۆرلىگەن، 14 شەھەرنىڭ تۇرالغۇ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلىگەن. گەرچە ھازىرغا قەدەر كۆپىنچە شەھەرلەردە تۇرالغۇ باھاسى يەنىلا ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، تۇرالغۇ باھاسىغا نىسبەتەن، ئۆسۈش يۈزلىنىشى بىر قانچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا پەرق خېلىلا چوڭ.

    بۇ يىل ئۆي-مۈلۈك بازىرى قارىماققا تىنىچتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل يولغا قويۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ يىل 1-يانۋاردا «ئۈچ قىزىل سىزىق» ۋە «قەرز چېكى تەرتىپى»دىن ئىبارەت ئىككى سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئۈچ قىزىل سىزىق»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەرز نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى خەۋىپىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى چەكلىشى كېرەك. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە ئەھۋاللارغا قارىتىلغان.

    1. ئالدىن تۆلەنگەن پۇلنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قەرز بىلەن مۈلۈك نىسبىتى %70تىن يۇقىرى بولۇش.

    2. ساپ قەرز نىسبىتى %100تىن يۇقىرى بولۇش؛ 3. نەق پۇلنىڭ قىسقا مۇددەتلىك قەرز نىسبىتى بىردىن تۆۋەن بولۇش.

    قەرزنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، بانكىلار بەش دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بانكىلار قەرز نورمىسىنىڭ %40تىنى ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە سالالايدۇ، شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى ئۈچۈن، يۇقىرى چەك پەقەت %32.5. بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى مەبلەغنىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش. ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئىلگىرىكى ئۆي باھاسىغا نىسبەتەن، باھانىڭ تېز ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى يەنىلا زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ ئېقىشىدىن بولغان، زىيادە كۆپ مەبلەغ بولمىسا، ئۆي باھاسى ئانچە كۆپ ئۆسمەيدۇ. بۇ قەرزنى چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلىشى كاپىتالنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا كىرىش ئېقىمىنى چىڭىتقانغا باراۋەر بولۇپ، كاپىتالنىڭ مۈلۈك بازىرىغا كىرىش نىسبىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا كىچىك بولىدۇ.

    قەرزنى چەكلەش بۇيرۇقى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ چەكلىدى. شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بانكىلار تۇنجى ئۆيىنى سېتىۋالغان ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىدۇ. كۆپ ئۆيى بار ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بانكا قەرزىنىڭ تەستىقىنى ساقلىماي ئامالى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ چەكلەش بۇيرۇقى يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى ئازايتىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە نىسبەتەن، خالىغانچە چوڭ سوممىلىق قەرز ئېلىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش ۋە كېڭەيتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ ئىككى سىياسەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتسەك، «ئۈچ قىزىل سىزىق»نىڭ ئاساسىي رولىنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە چەك قويۇش، «قەرزنى چەكلەش بۇيرۇقى»نىڭ بولسا بانكىلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ۋە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا قەرز پۇل بېرىشىگە چەك قويۇش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ئىككى سىياسەت ئېنىقلا خېرىدار تەرەپ بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپتىن چىقىش قىلىپ غايەت زور مەبلەغنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا كىرىشىگە چەك قويىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ.

    ئەلۋەتتە، ئۆي-مۈلۈك بازىرى تەدرىجىي مۇقىملاشقاندا بەزى شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ باھاسىدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلىدۇ. بۇ شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى ئەمەلىيەتتە ساختا ئۆرە بولۇپ، ئاساسلىقى ھايانكەشلەر ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبچىسى. ئەمما ھازىر تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتى بارغانسىرى چىڭىماقتا، ئۆي-مۈلۈك بازىرىمۇ تەدرىجىي مۇقىملاشماقتا. ئۆي باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىنى ئارزۇ قىلىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ھايانكەشلەر ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىرىگە نىسبەتەن ئەگەر ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىدەك تېز بولمىسا، بۇ ئۆي ھايانكەشلىكىدە زىيان تارتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىرى زىياننى ۋاقتىدا توختىتىش ئۈچۈن، قولىدىكى ئۆي مەنبەلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىن چىكىنمەكتىن باشقا ئامالى يوق.

    بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ «ساختا ئۆرە» ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى. ئۆي باھاسى قوللاشقا ئېرىشىدىغان ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى شەھەرلەرگە نىسبەتەن، ئۆي باھاسى يەنىلا ئۆرلەۋاتىدۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاستا بولۇپ، بازار تېخىمۇ مۇقىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي باھاسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە كىردى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر خېرىدارلار ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئۆي باھاسى چۈشكەن شەھەردە ئۆي تاللىسا، ئۇلار سېتىۋالغان ئۆينىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە بايلىقىنىڭ ئازىيىشى بىلەن باراۋەر. ئەمما ئۆي باھاسى ئۆسۈۋاتقان شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋالسا ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ.


    合作伙伴


    版权所有©  新疆银叶电子商务有限公司 2022  新ICP备19001412号-1  联网备案号65312802020105  电信增值业务许可证新B2-20200111
    新疆互联网违法和不良信息举报中心电话:0991-2384777   涉未成年人举报热线:0998-2673718  平台信息举报电话:16699936199