请选择您所在的城市:
2021-07-29 来源:نۇر تورىدىن ئىلىندى 浏览:133
ئۈندىدار سالون خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۆيگە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆيگە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۈلۈشى بېكىتىلمىگەن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
(1) باراۋەر كېڭىشىش، ئالاقىدارلار ئارا دوستانە كېڭىشىش. ماجىرا يۈز بەرگەندە، ئالدى بىلەن كېڭىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ، يارىشىش ھاسىل قىلىش كېرەك. كېلىشەلمىسە يەنە باشقا چارە قوللانسا بولىدۇ.
(2) خەلق مۇرەسسەسى. تۈرلۈك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىش. كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارمۇ ئېھتىياجىغا قاراپ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرىدۇ.
(3) سوت مەھكىمىسگە دەۋا سۇنۇش. ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش ئارقىلىق، ئۆي-زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلىش.
قانداق بۆلۈش كېرەك؟
(1) ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، باراۋەر ھوقۇق باراۋەر ئۈلۈشىگە تەڭ ئەمەس، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشتا شەخسى ئۈلۈشىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
(2) قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆينىڭ ئورتاق ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، بۆلۈشۈشكە بولمايدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن سەۋەب پەيدا بولۇپ، ئورتاق ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتى يوقالغاندا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئاندىن ئورتاق ئىگدارلىقتىكى ئۆينى بۆلۈشسە بولىدۇ.
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە توي مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساس قىلىنغان بولسا، توي مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندا، ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈش كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى بۆلگەندە، ئادەتتە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: (1) ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى. (2) ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش پىرىنسىپى. (3) سەۋەنلىكى يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى. (4) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بولسا ھەمدە كېلىشىمى قانۇنلۇق بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كېلىشىم قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغانلىرى ئورتاق مال-مۈلۈك بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
قانۇن ئاساسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېسىپ تارقاتقان «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تويدىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بىر قانچە كونكرېت پىكىر»نىڭ 13-ماددىسىدا: «ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆيلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئەھۋالى ۋە پەرزەنتلىرىنى بېقىش ياكى سەۋەنلىك يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپكە بۆلۈپ بېرىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ئۆي تەقسىم قىلغان تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە شۇ ئۆينىڭ يېرىمىغا تەڭ قىممەتتە تۆلەم بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، ئايال تەرەپكە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
قانداق دەۋا قىلىنىدۇ؟
(1) دەۋا ھوقۇق تەۋەلىكى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
«ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 22-ماددىسىدا: «جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىلەن بىر جاي بولمىسا، ئۇ ئۇدا تۇرغىنىغا بىر يىل توشقان دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
(2) دەۋا قىلىشتا قايسى دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 121-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەۋا خېتىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
دەۋاگەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، مىللىتى، كەسپى، خىزمەت ئورنى، تۇرۇشلۇق ئورنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى، ئۆيلىنىش خېتى ياكى جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، كوچا ئىش بېجىرىش ئورنى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت ئىسپاتى.
جاۋابكارنىڭ ئىسىم فامىلىسى، جىنسى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئولتۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئۇچۇرلار، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئۇچۇرلار.
دەۋا تەلىپى ئاساسلىنىدىغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپات، دەلىل-ئىسپاتنىڭ مەنبەسى، گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق جايى.
ئورتاق مال-مۈلۈككە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتى: مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېرىشكەنلىكى، ئورتاق تاپاۋىتى. ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار: ئورتاق مەبلەغ سېلىپ ئائىلە مال-مۈلكىنى سېتىۋېلىش، شەخسىي كىرىمنى ئائىلىگە تاپشۇرۇش، ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش، ھەدىيە ياكى ۋەسىيەتلىك ھەدىيەنى ئورتاق قوبۇل قىلىش قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار. ئائىلىدە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال-مۈلۈكنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئۆي سېتىۋېلىش توختامى، پۇل تاپشۇرۇش تالونى ياكى مەبلەغ چىقىرىش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئاخىرىدا مال-مۈلۈك تەھلىل قىلىش باھالاش ھەققى، دەۋا ھەققىنى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ئۈلۈشى بويىچە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.